- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا مالىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان فرانسىيە ئايروپىلانلىرىغا ھاۋادىن ماي قاچىلاپ بەردى
2013.01.28 14:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى پانىتتا 26-يانۋار فرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى رودلايون بىلەن تېلېفونلاشتى. پانىتتا فرانسىيەگە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مالىدا ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان فرانسىيە ئارمىيىسى ئايروپىلانلىرىغا ھاۋادىن ماي قاچىلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
25-يانۋار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما فرانسىيە پىرېزىدېنتى ھوللاندى بىلەن تېلېفونلىشىپ، مالى ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى. فرانسىيە ئەسكەر چىقارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا فرانسىيەنىڭ مالىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە بەك ئارىلاشمايدۇ، پەقەت فرانسىيە ئارمىيىسىگە بەزى ترانسپورت ۋە ئاخبارات ياردىمى بېرىدۇ، دېگەن ئىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە