باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى ‹‹ياغلىما سۆزلەر بىلەن تولغان››

2013.01.28 15:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان ئوباما 21 – يانۋار چۈشتە ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت تېغىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى. ئۇ نۇتقىدا خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئوبامانىڭ ‹‹ياغلىما سۆزلەر بىلەن تولغان›› نۇتقى ئۇنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى قوللاش نىسبىتى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئاشكارىلىغان ئاجىزلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى مۇرەسسەلىشىشكە مەجبۇرلاپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات پىروگراممىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىتەرەپ سولچىللار ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمەكچى

  ئوباما نۇتقىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھىنى ياد ئېتىشتىن باشلىدى، ئەمما ناھايىتى تېزلا تېمىنى ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈش ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، خوزنەكلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئەر – ئاياللارغا ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بېرىش ۋە قورال – ياراغنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن چىقىرىش تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بۇرىدى.

  ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىدا تۇنجى قېتىم خوزنەكلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوللاش توغرىسىدا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلگەنلىكىگە، قانۇن چىقىرىش توغرىسىدىكى باشقا تۈرلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ۋە سولچىللارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلدى.

  ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قاتلىمىدا سايلام رىقابىتىدىكى مۇقامىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت، باج تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما داۋالاش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە قوشما ئىشتاتنىڭ قىزىل رەقىمىنى ئازايتىشتا سىلىق ئۇسۇل قوللىنىپ، ئىقتىسادىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنى يۆلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئىككى پارتىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى نۇتۇق ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى شۇئان ئۇنى تەنقىدلىدى. 2008 – يىلى ئوباما بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالاشقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ماككائىن مۇنداق دېدى: مەن سەككىز قېتىم زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتىم ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىنى ئاڭلىدىم، ئەمما ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقى سايلامدا مەغلۇپ بولغان پارتىيە، گۇرۇھلارغا كۆڭۈل بۆلمىگەن بىردىنبىر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى بولدى.

  ئوبامانىڭ بۇنداق ئۇسۇلنى تاللىشىدا سەۋەب بار. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ھازىر ئوبامانى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى تەخمىنەن %50 بولۇپ، پارلامېنتتىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى، ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىسى ئوبامانىڭ تەشەببۇسىغا ۋە ئۇنى يولغا قويۇش ئۇسۇلىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق قارىدى: ئوبامانىڭ بۇ ئۇسۇلىنىڭمۇ خېيىم – خەتىرى بار، چۈنكى پارلامېnتنىڭ ئاۋام پالاتاسى يەنىلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا، ئۇلار قارالمىغا توسقۇنلۇق قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كېڭەش پالاتاسىدا دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن تىركىشەلەيدۇ.

  تاشقى سىياسىتى مۈجمەل

  ئوبامانىڭ بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرىكى تۇنجى قېتىملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتكە دائىر مەزمۇنى سەل ئاز. ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان تالاش – تارتىشنى ئىمكان قەدەر تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

  بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرىكى نۇتۇقتا ئوباما تاشقى مۇناسىۋەت توغرىسىدا نىشان ۋە سىياسەتنى ئېنىق رەتكە تۇرغۇزغان. ۋاھالەنكى، تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قاتارلىقلاردا چەكلىك ئىلگىرىلەش بولغاندىن باشقا، قالغان ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشقا ئاشمىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئاقساراينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: 1 – قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدا ئاساسەن ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى ئوباماغا ناھايىتى ئايان، شۇڭا ئۇ 2 – قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما نۇتقىدا نىشاننى ئۇنچە يۇقىرى بېكىتمەيدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئوباما ئىلگىرىكى تۆت يىللىق كەچۈرمىشى ۋە ھازىرقى ئوخشىمايدىغان خەلقئارا مۇھىتتىن ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، دىققىتىنى دۆلەت ئىچىگە قاراتتى. ئۇ بۇ جەھەتتە سابىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئېزىنخاۋېرنىڭ 2 – قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، كۈچ توپلاپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى ۋە ئوبرازىنى يېڭىباشتىن تىكلەشتىن ئىبارەت تاشقى سىياسىتىنى ئۆرنەك قىلغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە