- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى: چاۋىس سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەچ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى قىلماقتا
2013.01.28 14:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:ۋېنېسۇئېلانىڭ ئاخبارات ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى ۋىللېگاس 26-يانۋار تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: كۇبادا داۋالىنىۋاتقان پىرېزىدېنت چاۋىسنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمەكتە ھەمدە ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ھۆججەتلەرنى تەستىقلاپ تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: چاۋىس دۇنياغا بولۇپمۇ دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە ئۆزىگە سالامەتلىك تىلىگەنلىكىدىن مىننەتدار بولدى.
ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مادۇلو 26-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چىلىغا بېرىشتىن بۇرۇن: نۆۋەتتە چاۋىسنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، روھى كەيپىياتىمۇ جايىدا، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە