خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار (برازىلىيە) ئالېگرە پورتىدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن سەھەر برازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سانت مارىيا شەھرىدىكى بىر كېچىلىك كۇلۇبقا ئوت كېتىپ، 233 ياش قازا قىلغان، يەنە 100دىن ئارتۇق ئادەم ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا. گەرچە يەكشەنبە كۈنى نۇرغۇنلىغان برازىلىيەلىكلەر تېخىچە ئۇيقۇدا بولسىمۇ، لېكىن يۈز بەرگەن ئاپەت خەۋىرى تېلېۋىزور، رادىيو، ئۇچۇر ۋە تور ئارقىلىق پۈتۈن بىرازىلىيەگە تېزلىكتە تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى زىلزىلىگە سالدى.(ۋۇ جىخۇا خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)