باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فرانسىيە ئارمىيىسى ۋە مالى ئارمىيىسى مالىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى گاۋ شەھىرىنى تارتىۋالدى

2013.01.28 14:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:فرانسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: فرانسىيە ئارمىيىسى بىلەن مالى ئارمىيىسى مالىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گاۋ شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدى. گاۋ مالىدىكى رادىكال دىنى تەشكىلات ۋە تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ چوڭ لاگىرىنىڭ بىرى.

  فرانسىيە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئاخبارات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: تۈنۈگۈن كېچىدىن باشلاپ مالىنىڭ پايتەختى باماكۇدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن گاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى سادۇ دىيارو مالى ئارمىيىسىنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا گاۋغا قايتىپ كەلدى.

  ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى بىلەن مالى ئارمىيىسى قۇرۇلۇقلۇق ھاۋا بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغاشتىن بۇرۇن، فرانسىيە ھاۋا ئارمىيىسى گاۋ ۋە مالىدىكى رادىكال كۈچنىڭ يەنە بىر مۇھىم بازىسى بولغان تىمبۇكتۇدىكى تېررورىزم نىشانىنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلىپ، 30دىن ئارتۇق بومبا تاشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە