باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە 24 سائەت ئىچىدە تۆت قېتىم ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

2013.02.04 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: 1-فېۋرال سائەت توققۇزدىن 2-فېۋرال سائەت توققۇزغىچە بولغان قىسقىغىنا 24 سائەت ئىچىدە، خېنەن، سىچۈەن، گەنسۇ، گۈيجۇدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى، 50 كە يېقىن تىرىك جان بۇ يىللىق چاغاننى كۆرەلمەي ھاياتىدىن ئايرىلدى.

  ليەنيۈنگاڭ -قورغاس تېز سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ سەنمېنشيا بۆلىكىدىكى يىچاڭ كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلىنىپ، بىر قېتىملىق ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋەقەسى، بۇنىڭدا پوجاڭزىنى قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، بېسىش، توشۇش قاتارلىق ئەھۋاللار ساقلانغان دەپ بېكىتىلدى. نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، پوجاڭزا بېسىلغان ماشىنا پارتلاپ كەتكەندىن كېيىن كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ھازىرغىچە، ۋەقەدە 11 ئادەم قازا قىلغان، 11 ئادەم يارىلانغان، يارىدارلار دوختۇرخانىدا داۋالانغان. ھازىر تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي ئىشلەنمەكتە.

  سىچۈەن ئۆلكىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى 2-فېۋرال مۇنداق دېدى: 1-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سىچۈەندىكى ئاپتوبۇس ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە يارىلانغان تۆت كىشى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى، ھازىرغىچە بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 11 گە يەتتى.

  2-فېۋرال سائەت 21 گىچە، گەنسۇ ئۆلكىسى نىڭشيەن ناھىيەسىدىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسىدە 18 ئادەم قازا قىلدى، 32 ئادەم يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا داۋالاندى. نۆۋەتتە نەق مەيداندىكى قۇتقۇزۇش، تازىلاش خىزمىتى ئاساسەن ئاياغلاشتى، يارىدارلارنى داۋالاش، ۋەقەنى تەكشۈرۈش، قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر جىددىي ئىشلەنمەكتە.

  2-فېۋرال سائەت توققۇزلاردا، گۈيجۇ ئۆلكىسى سوڭجياڭ ناھىيەسى گۇپىڭ يېزىسى تەۋەسىدە، ناھىيە بازىرىغا كېتىپ بارغان بىر ئاپتوبۇس يۈز مېتىردىن ئارتۇق چوڭقۇرلۇقتىكى تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتتى، ھازىرغىچە 12 ئادەم قازا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاپتوبۇسقا 19 ئادەم پاتىدىكەن، ئەمما ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئاپتوبۇستا 34 ئادەم بار بولۇپ، نورمىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە