باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۆي ھەدىسى»نىڭ بېيجىڭدا 41 يۈرۈش ئۆي-مۈلكى بارلىقى ئاشكارىلاندى

2013.02.01 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 31-يانۋار كۈنى، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشى ئارقىسىدا، شەنشى ئۆلكىسى شېنمۇ ناھىيەلىك يېزا سودا بانكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گوڭ ئەيئەينىڭ بېيجىڭدا 41 يۈرۈش، جەمئىي 9666.6 كىۋادرات مېتىر ئۆي-مۈلكى ۋە بىر ئاۋدى ماشىنىسى بارلىقى بايقالغان. بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى قانۇن بويىچە گوڭ ئەيئەينىڭ قانۇنسىز بېجىرگەن بېيجىڭ نوپۇسى ۋە كىملىكىگە سېتىۋالغان 10 يۈرۈش ئۆي-مۈلكى ۋە ئاۋدى ماشىنىسىنى پېچەتلىگەن.

  خەۋەر ئارگىنالى يوللانغان چاغقا قەدەر، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى گوڭ ئەيئەي نامىدىكى 1945.02 كىۋادرات مېتىر ئۆي-مۈلۈكنى پېچەتلىگەن، بۇنىڭ 1562.19 كىۋادرات مېتىرى خىزمەتكە، 166.36 كىۋادرات مېتىرى سودىغا ئىشلىتىلگەن، 80.14 كىۋادرات مېتىرى ماشىنا توختىتىش ئورنى قىلىنغان، 136.33 كىۋادرات مېتىرى تۇرالغۇ ئۆي ئىكەن.

  «ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەي ۋەقەسى تەكشۈرۈلمەكتە

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە