باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەي ۋەقەسى تەكشۈرۈلمەكتە

2013.01.31 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك، سەنشى ئۆلكىلىك، شەنشى ئۆلكىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى ئارقسىدا، شەنشىدىكى «ئۆي ھەدىسى» گۇڭ ئەيئەيگە قانۇنسىز نۇپۇس بېجىرىپ بەردى، دەپ گۇمان تۇغدۇرغان 7 نەپەر جىنايەت گۇماندارى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتى ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ 7 نەپەر جىنايەت گۇماندارى: بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى فاڭشەن رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شىلوۋ ساقچىخانىسىنىڭ سابىق خەلق ساقچىسى ليۇ x، بېيجىڭ شەھەرلىك مەلۇم بىر مائارىپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خادىمى جاڭ x، بېيجىڭ شەھەرلىك مەلۇم بىر مائارىپ ئىمتىھانى مۇلازىمەت مەركىزىدىن پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچى مياۋ x، بېيجىڭ شوتېڭ تەربىيەلەش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ليۇ x، سەنشى ئۆلكىسى شىڭشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ۋېيجياتەن ساقچىخانىسىنىڭ سابىق خەلق ساقچىسى بەي x، سەنشى ئۆلكىسى لىنشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى كېخۇ ساقچىخانىسىنىڭ سابىق خەلق ساقچىسى لى x، شەنشى ئۆلكىسى شېنمۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق خەلق ساقچىسى جاڭ x قاتارلىقلار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە