باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

راسموسىن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2014-يىلدىن كىيىن ئۇرۇش قىلىش ھالىتىدىن تەييارلىق ھالىتىگە ئۆتىدۇ

2013.02.04 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسىن تۈنۈگۈن ميۇنخېندا ئېچىلغان بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 2014-يىلى ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇرۇش قىلىش ھالىتىدىن تەييارلىك ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەر قانداق تەھدىت يەتكۈزىدىغان كىرىزىسىگە ھەر ۋاقىت تاقابىل تۇرىدۇ.

  راسموسىن مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تارىخىدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتى، بۇ ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسىنى قايتىدىن پىلانلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇ بولسىمۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق كىرىزىسگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىلگىرىكى جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن موداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى، توردا موداپىئەلىنىش ۋە ئالاھىدە قىسىم قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.

  راسموسىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسى ھەربىي راسخوتنى ئازايتىۋەتتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇندىن كىيىن ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسىم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە