باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنلىرىدا يېڭىچە كەيپىيات بارلىققا كەلدى

2013.02.04 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

  قۇرۇق گەپلەر ئازايدى، پىكىر بېرىدىغانلار كۆپەيدى، يىغىن بېزەكلىرى ئازايدى، تاراتقۇلار كۆپەيدى، مانا بۇ بۇ يىل بەزى يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنلارىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال.

  2013-يىلى يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن تەكلىپلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ھېساباتىنى ئاشكارلاشقا پېتىنىدىغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ھېساباتنىڭ ئىلگىركىدىن ئىنچىكە بولغانلىقى، ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ خەزىنىسىگە تېخىمۇ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.

  بۇ يىل يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنلىرىدا نۇرغۇن ئۆلكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنى مالىيە خىزمىتى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت ھېساباتىنى ئاشكارىلىدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ۋەكىللەر ۋە ئەزالار: بۇ يىل ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى خامچوتىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە قارىغاندا 15 مىليون يۈەن تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى بايقىدى، بەزى ۋەكىللەر ھېساباتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ئېشىپتۇ دېدى.

  ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ئىككى يىغىنىدا ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋۇ شۈجۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتىنىڭ مالىيە خىزمىتى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىدىن خەۋەر تېپىپ: ھۆكۈمەتنىڭ ھېساباتى قانچە ئىنچىكە بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، توردا ئېلان قىلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر نازارەت قىلالايدۇ دېدى.

  جېجياڭ ئۆلكىسى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ ساداسىغا قارىتا مۇنداق ئۇسۇل قوللاندى،يەنى تۈرلۈك خامچوت دوكلاتى ئىچىدە يېزىق ۋە گىرافىكتىن باشقا يەنە رەسىم، ئاسان چۈشەنمەيدىغان سانلارنى رەسىم بىلەن چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ۋەكىللەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

  تۇمانلىق ھاۋا رايى، نوپۇس ئىسلاھاتى، تاكسى توسۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدى كۆپ، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2013-يىلى ئۆپكىگە كىرىپ كېتىدىغان دانىچە ماددىلارنى تىزگىنلەش كۈچى ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەدە ئىسسىنىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىپ، مەركىزىي شەھەر رايونلىرىدا كۆمۈر قالاشقا خاتىمە بېرىلىدۇ، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گو جىنلوڭ نوپۇس ئىسلاھاتى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان بارلىق نوپۇس مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىنىدۇ، نوپۇس مەسىلىسىدىلا چەكلىنىپ قېلىشقا بولمايدۇ، تەكشى ئاممىۋىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە