باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆمۈركان خوجايىنى: شەنشى شېنمۇلۇق كۆمۈركان خوجايىنلىرى كۆپلەپ نوپۇس سېتىۋالىدۇ، بېيجىڭ نوپۇسى 800 مىڭ يۈەن

2013.02.01 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەنشىلىك «ئۆي ھەدىسى» گوڭ ئەيئەينىڭ بىر جېنىغا تۆت نوپۇسى بار بولۇپ، ئۈچى شەنشىدا، بىرى بېيجىڭدا. بېيجىڭدىكى نوپۇسىغا بېجىرگەن كىملىك نومۇرى 110 دىن باشلانغان بولۇپ، نوپۇس ۋە كىملىك نومۇرىنى باشقۇرۇش جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ كىملىك بېجىرىلگەن جاينىڭ بېيجىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

  بېيجىڭ، سەنشى، شەنشى ئۈچ ئۆلكە-شەھەرنىڭ ج خ ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شەنشىلىك «ئۆي ھەدىسى» گوڭ ئەيئەيگە قانۇنسىز نوپۇس بېجىرىپ بەرگەن يەتتە نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قانۇنغا ئاساسەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى. بۇندىن بۇرۇن، شېنمۇ ناھىيەسى گوڭ ئەيئەينىڭ نوپۇسىنى بېجىرىش قىلمىشىدا جاۋابكارلىقى بار شېنمۇ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خېپىڭ قاتارلىقلارنى ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويغانىدى. سەنشى ئۆلكىسىمۇ لىڭشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى كېخۇ ساقچىخانىسىنىڭ يېتەكچى ساقچىسى لى يوۋبىڭ قاتارلىقلارنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى.

  كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، شۇ يەردىكى كىشىلەر گوڭ ئەيئەينىڭ تۆت نوپۇسى بارلىقىغا ئەجەبلەنمەستىن: «شېنمۇ ناھىيەسىدە بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى-ئۈچتىن نوپۇسى بار، بۇ ھېچ گەپ ئەمەس» دېگەن.

  بىر كۆمۈركان خوجايىنى مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، ئالاھىدە مۇناسىۋەت ئىزدەش كەتمەيدۇ، ئەتراپتىكى نامرات ناھىيەلەردە مەخسۇس نوپۇس سېتىپ پۇل تاپىدىغانلار بار. شېنمۇ ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن كۆمۈركان خوجاينلىرىنىڭ ئالاقىلىشىپ بېرىدىغان ئادىمى بار، نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ يۈەنگىلا سەنشى نوپۇسىنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، بېيجىڭنىڭ قىممەتراق، بۇلتۇر شەھەر مەركىزىنىڭ بولسا 800 مىڭ يۈەن، تۇڭجۇۋنىڭ 500 مىڭ يۈەن. ئەمما شېنمۇنىڭ يەرلىك نوپۇسىدەك قىممەت ئەمەس.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە