باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (1)

(2013–يىل1–ئاينىڭ30–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى1–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2013.02.01 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار، سىياسىي كېڭەش تەركىبىدىكى ئورۇنلار ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى يىغىننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي تېمىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىدىكى ئۇنىۋېرساللىققا، ئومۇملۇققا ئىگە، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەكلىپ شەكلى ئارقىلىق ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، سالمىقى، قىممىتى بار نۇرغۇن پىكىر–تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2013–يىل 1–ئاينىڭ 28–كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:00گىچە، يىغىن تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتى 726 تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ‹‹تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى››گە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 717 تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، بۇ ئومۇمىي تەكلىپنىڭ %98.8ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەزالارنىڭ تەكلىپى 578، پارتىيە– گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ساھەلەر، گۇرۇپپىلارنىڭ تەكلىپى .139 ئەنگە ئېلىنمىغان توققۇز تەكلىپ ئەزالاردىن كەلگەن خەت سۈپىتىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ بېرىلگەن 367 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇ تەكلىپلەردە ئاساسلىقى يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، كەسىپنى يېڭىلاش تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كۆمۈر–كۆمۈر ئېلېكتىر–كۆمۈر خىمىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش؛ شىنجاڭنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئۆزگەرتىش، يۈكسەلدۈرۈش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش؛ ئېلېكتىرولىزلىق ئاليۇمىن ساھەسىدىكى توشۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ قېزىلما مەھسۇلاتلار بايلىقى تۈرىدىكى كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتى سىستېمىسى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلىك پىششىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىي كوپېراتىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ قۇملۇق ئېكولوگىيەسى ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چىۋىنى ‹‹يېشىل، يېڭى پېتى ساقلاش›› تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش؛ ناھىيەلەردىكى مەركىزىي شەھەر، بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شەھەر، يېزىلارنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە شارائىتىنى ياخشىلاش؛ ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ كاپىتال بازىرى بىلەن زايوم بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، قۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ سۇ تېجەر تىپىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يۇقىرى بۇلغىمىلىق كارخانىلارنى قاتتىق تىزگىنلەش؛ چاڭ – توزان بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىمىسىنى تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش؛ ئېكولوگىيە ئورمىنىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ياردەم ئۆلچىمى ۋە يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما ياردەم – مۇكاپات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلارغا دائىر پىكىر – تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە