جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە تۈنۈگۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى خاتىرىلەندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋولگاگراد شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى قەھرىمانلار مەيدانىدا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى، رۇسىيە جەنۇب ھەربىي رايونىنىڭ 650 دىن كۆپرەك ئەسكىرى ۋە ھەربىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۇچىسىغا 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى فورمىسىنى كىيىپ ھەربىي پاراتتىن ئۆتتى، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئىشلەتكەن T-34 بەلكىلىك تانكىمۇ ھەربىي پاراتتا پەيدا بولدى. 20 مىڭدىن كۆپرەك شەھەر ئاھالىسى ۋە مېھمانلار ھەربىي پاراتتىن كۆردى. شۇ كۈنى ۋولگىگراد شەھىرىدە خاتىرىلەش تېمىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى. خاتىرىلەش تېمىغا ستالىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ 17 مىڭ ئوفىتسېر ئەسكىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغان.