باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ۋاقتى 4-فېۋرال سائەت نۆلدىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە باش باھار باشلىنىدۇ

2013.02.04 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: «جۇڭگو ئاسترونومىيە كالېندارى»دىن ئايان بولۇشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 4-فېۋرال سائەت نۆلدىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە دېھقانلار كالېندارى بويىچە 24 مەۋسۇمنىڭ ئەڭ بېشىدىكى باش باھار باشلىنىدىكەن.

  چىن سۇلالىسى دەۋرىدىن بۇيان، ئېلىمىز باش باھارنى ئەتىيازنىڭ باشلىنىشى قىلىپ كەلگەن. «جۇڭگو ئاسترونومىيە كالېندارى»غا ئاساسەن، بۇ يىل باش باھارنىڭ ئېنىق ۋاقتى 4-فېۋرال سائەت نۆلدىن 13 مىنۇت بولىدۇ، ئامما مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىشى كېرەك.

  ئاسترونوملار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى مىلادىيە 4-فېۋرال ئەتراپىدا باش باھار باشلىنىدۇ. باش باھار باشلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر كۈندۈزنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۇزارغانلىقى، كۈننىڭمۇ ئىللىشقا باشلىغانلىقى، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، كۈن ئۇزىراپ، ھۆل-يېغىننىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە