باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ناشايان سىن ۋەقەسى قانۇن-ئىنتىزام بويىچە ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈلىدۇ

2013.02.01 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 31- يانۋار كۈنى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چۇڭچىڭدا يۈز بەرگەن ناشايان سىن ۋەقەسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر 11- ئايدا لېي جېڭفۇنىڭ ناشايان سىن ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دەرھال مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تۇرغۇزغان.

  ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دېلودا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ جەھەتتە ئىلگىرىلەش بولغان: بىرىنچى، لېي جېڭفۇنىڭ نۇرغۇن پارا يېگەنلىكى ۋە باشقا ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىگە چېتىلغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، يېقىندا بۇ دېلو ئەدلىيە ئورگىنىغا يوللىنىدىكەن؛

  ئىككىنچى، بىر قاقتى-سوقتى قىلىش گۇرۇھىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى بايقالغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، تەپتىش تارماقلىرى شياۋ يې، شۈ شېچىڭ قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى باشقا بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغۇچە كېپىلىككە قويۇپ بېرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانغان.

  ئۈچىنچى، نۇرغۇن پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىسى مەسئۇل خادىملىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى بايقالغان ھەمدە بۇ خادىملار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىنكى قەدەمدە تەكشۈرۈش داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىكەن ۋە قانۇن-ئىنتىزام بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدىكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە