2013.02.01 16:48
«تەڭرىتاغ گۈلى » دەپ تەرىپلىنىدىغان ئۇسسۇل پىشىۋاسى — قەمبەرخانىم ( 1950-يىلى دۆلەت بايرىمىدا ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ، ھەمدە ماۋ زېدۇڭ ، جو ئېنلەي قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن ، كىيىن ئالتە قېتىم ماۋ زىدۇڭ قاتارلىق مەركەز پارتىيە ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن . 1979-يىلى ، 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەملىكەتلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان، 1994-يىلى ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن )؛ |
مىللەتلەر ئىتتىپاقىلىقى ئۈلگىسى — سەمەت مەخسۇمھاجى (1987-يىلى ۋە 1995-يىلى ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن ، 1984-يىلى ۋە 1987-يىلى ئىككى قېتىم گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس » دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن . 1985-يىلى ۋە 1995-يىلى تەكلىپ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى» خاتىرە ئوردېنى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى تۆھپىسى گەۋدىلىك شەخس » شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشكەن ، 1996-يىلى ۋاپات بولغان ) |
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە