- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياۋرو رايونىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا ئۈچ ئاي ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ كەلدى
2013.02.04 14:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 1-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دېكابىردىكى ياۋرو رايونىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %11.7 گە يېتىپ، ئۇدا ئۈچ ئايدىن بۇيانقى بۇ تارىخىي يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلاپ كەلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا، ياۋرو رايونىدىكى ئىشسىز قالغان نوپۇس 18 مىليون 700 مىڭ ئادەم بولغان.
بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە، گرېتسىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، %26.8 گە يېتىدۇ (گرېتسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىكى سانلىق مەلۇماتنى ئاساس قىلىدۇ)؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئىسپانىيە بولۇپ، %26.1 گە يېتىپ قالغان. ياۋرو رايونىدىكى بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان گېرمانىيەنىڭ مۇشۇ ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى بولسا %5.3 بولغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ياۋرو رايونىدىكى 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا تۆۋەنلىمىگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا يەنىلا %24 بولغان، بۇ ئالدىنقى بىر ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان. ئەھۋالى ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى بولسا گرېتسىيە بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك ياشلارنىڭ تېخى خىزمىتى يوق بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %57.6 يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا ئىسپانىيەدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %55.6 گە يېتىپ قالغان؛ پورتۇگالىيەنىڭ بولسا %38.3، ئىتالىيىنىڭ %36.6 بولغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە