- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


3000 توننا زاپاس گۆش شىنجاڭدىكى 14 نۇقتىلىق بازارغا سېلىنىدۇ
2013.02.04 15:10 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، بايراملىق بازارلارنىڭ گۆش تەمىناتىنى بېيىتىش ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنىڭ گۆش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى 3-فېۋرالدىن 7-فېۋرالغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك زاپاس قوي گۆشىنى ئۈرۈمچى ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق نۇقتىلىق 14 بازارغا سېلىشنى قارار قىلدى . ئۈرۈمچى ، قاراماي ۋە كورلا شەھەرلىرىمۇ بىر تۈركۈم شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشنى بازارلارغا سالىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىم بازارلارغا سېلىنىدىغان زاپاس گۆشنىڭ مىقدارى 3000 توننىغا يېتىدىكەن .
ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆش جەمئىيەتكە ئوچۇق-ئاشكارا سېلىنىدىكەن . ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە 99 بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 45 ، سانجى شەھىرىدە تۆت ، قاراماي شەھىرىدە ئىككى ، تۇرپان شەھىرىدە ئىككى ، كورلا شەھىرىدە 13 ، ئاقسۇ شەھىرىدە يەتتە ، كۇچا ناھىيەسىدە تۆت ، قەشقەر شەھىرىدە ئالتە ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۆت ، ئاتۇش شەھىرىدە ئۈچ ، خوتەن شەھىرىدە تۆت ، لوپ ناھىيەسىدە بىر، قاراقاش ناھىيەسىدە ئۈچ نۇقتىدا سېتىلىدىكەن .
بۇ قېتىمقى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك زاپاس گۆشنى بازارلارغا سېلىش ۋەزىپىسىنى شىنجاڭ ‹‹دۇڭباۋ›› توڭلىتىلغان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ، ‹‹خۇالىڭ ›› چارۋىچىلىق كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ، فۇكاڭ شەھەرلىك ‹‹دوسباي›› دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 12 كارخانا ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە