باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ئىشلەمچىلەرنىڭ 873 مىليون 910 مىڭ يۈەن ئىش ھەققىنى ئېلىپ بەردى

2013.02.04 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ئىككى ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقان-چارۋىچى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى يېقىندا ئاياغلاشتى، ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تېرىشىشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 76 مىڭ 382 دېھقان-چارۋىچى ئىشلەمچىنىڭ نېسى قالغان 873 مىليون 916 مىڭ 457 يۈەن ئىش ھەققى ئېلىپ بېرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان-چارۋىچى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى بۇلتۇر 15-نويابىر باشلانغان، بۇ مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر كۆپرەك بولغان بىناكارلىق ئورۇنلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ۋە باشقا ئوتتۇرا، كىچىك ئەمگەك توپلاشقان كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر، نۇقتىلىق ساھەلەر بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈلگەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى تارقىتىش بەلگىلىمىسى، ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى بەلگىلىمىسى، كارخانا تىجارەتچىلىرىنىڭ دېھقان-چارۋىچى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشتىن قېچىش ئەھۋالى شۇنداقلا دېھقان-چارۋىچى ئىشلەمچىلەر بىلەن ئەمگەك توختىمى ئىمزالاش ئەھۋالى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە