باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە توختالدى(2)

2013.01.28 13:49        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ياڭ يىيوڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىز بارلىق ئۈمىدىمىزنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق بىر ھۆججىتىگىلا باغلاپ قويساق، رېئال ئىش بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ئىچىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ بار، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى كۆپ مەنبەلىك بولىدۇ؛ كارخانىلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بولىدۇ، شەخسلەر ئىچىدە ھەم باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ھەم ئاددىي ئىشچىلار بولىدۇ، شەھەرلىكلەر، يېزىلىقلار، نامراتلار، بايلار بولىدۇ؛ كارخانىلار ئىچىدە يەنە مونوپول كارخانىلار، مونوپولسىز كارخانىلار بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلاھ قىلىدىغان ياكى ئىسلاھ قىلىنىدىغان ئاساسىي گەۋدىلەردۇر. بۇ ئاساسىي گەۋدىلەر ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ۋە كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەشكە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ بىر ھۆججىتىگە تايىنىپلا ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدىكى 2-خىل خاتا قاراش شۇكى، باج ئېلىش چېكى-شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ بارلىق قىسمىمۇ؟ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم تەرەپ باج كىرىمىنى تەڭشەش، لېكىن يالغۇز باج ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈشنىلا تەكىتلەش-ئىلمىي ئەمەس، ئادىللىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، باجنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە، بولمىسا يۇقىرى كىرىملىكلەرلا نەپ ئالغۇچى بولۇپ قالىدۇ. كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە-باج كىرىمىنى تەڭشەش، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى سادالار ئۈزۈلمىدى، بەزىلەر بەش مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى، بەزىلەر ئون مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈش كېرەك دېدى. ئۇنداقتا، باج ئېلىش چېكى بارغانسېرى ئۆرلىسە مۇۋاپىق بولامدۇ؟ سۇ خەينەن بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ئوبرازلىق سېلىشتۇرمىنى مىسال قىلدى، ئىلگىرى بەزىلەر ھېسابلاپ باققان، مەسىلەن: ئەگەر شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىش چېكىنى 30 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرسە، ئايلىق كىرىمى تۆت، بەش مىڭدىن يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئەمگەكچىلەر تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، ئايلىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن يۈز مىڭ يۈەنگىچە بولغان يۇقىرى كىرىملىكلەر تاپشۇرىدىغان باج بولسا ئەسلىدىكىدىن خېلىلا ئازىيىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ يۈكىنى يەنىلا يېنىكلىمەيدۇ، يۇقىرى كىرىملىكلەر بولسا تېخىمۇ پايدىغا ئېرىشىدۇ.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن گاۋ پېييوڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان شەخسىي تاپاۋەت بېجىدە تۈرلەرگە بۆلۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ،مائاش تاپاۋەت بېجى، يەككە سودا سانائەتچىلەر ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت تاپاۋەت بېجى قاتارلىق 11 باج ئېلىش تۈرىگە بۆلۈنگەن، دۆلەت ئوخشاش بولمىغان تۈرلەردىن ئوخشاش بولمىغان باج ئېلىش چارىسىنى يولغا قويىدۇ، باج نىسبىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجى تۈزۈمى مۇساپىسىگە قايتا نەزەر سالىدىغان بولساق، 1994-يىلىدىن باشلاپ شەخسى تاپاۋەت بېجىنى 9 دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھاتلارنىڭ ھەممىسى باج ئېلىش چېكىنى تەڭشەشكە مەركەزلەشتى، شەخسىي تاپاۋەت باج نىسبىتى باشتىن ئاخىرى ئۆزگەرمىدى، كونكرېت قارىغاندا %5 لىك دەسلەپكى باج نىسبىتى ئادەتتىكى مائاشلىقلار كىرىم سەۋىيەسىگە نىسبەتەن ئازراق يۇقىرى ، ئەگەر بۇ نىسبەتنى سەل تۆۋەنلەتكەندە ئالايلۇق %2،%3 گە چۈشۈرگەندە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى باج ئېلىش چېكىنى ئۆستۈرۈشتىن ئېشىپ كېتىدۇ. 3- مائاشنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىقلا ئىستېمالنى كېڭەيتكىلى بولامدۇ؟ كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىدا تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەمما مائاشنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىقلا ئىستېمالنى كېڭەيتىش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدۇ، يەنە مائارىپ، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە