باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پايتەختتىكى ھەر ساھە خەلق سوڭ چىڭلىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2013.01.28 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

27-يانۋار، ئوقۇغۇچىلار سوڭ چىڭلىڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىغا گۈل قويدى.
  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن پايتەختنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئەرباب بېيجىڭنىڭ خوۋخەيدىكى سوڭ چىڭلىڭ خارابىسىغا بېرىپ، ئۆز قوللىرى بىلەن 120 كەپتەر قويۇپ بېرىپ، جۇڭگولۇق بۇ ئۇلۇغ ئايالنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 120 يىللىقىنى خاتىرلىدى.

  سوڭ چىڭلىڭ 1893-يىلى 27-يانۋار شاڭخەي پۇدوڭنىڭ چۈەنشا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان، 70 يىللىق ئىنقىلابىي ھايات مۇساپىسىدا سوڭ چىڭلىڭنىڭ ئىسمى سۈن جۇڭشەن ۋە ئۇنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپلا قالماي، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئۇ جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىشى، مىللىي يارىشىش، خەلق تۇرمۇشى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرى قۇرۇلۇشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئىنسانلار تەرەققىياتى، جۇڭگو ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئەتىۋارلىق خانىمى، 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايال دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.

  مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى ۋە جۇڭگو سوڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، پايتەختنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر سوڭ چىڭلىڭنىڭ ھەيكىلى ئالدىغا گۈل قويدى ھەمدە تازىم قىلىپ، سوڭ چىڭلىڭغا بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە