باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا تىببى ئىلمىي پەن تېخنىكا مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

2013.01.28 13:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭخۇا تىببى ئىلمىي پەن تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ 2012-يىللىق مۇكاپات تۈرى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. 85 تۈردىكى تىببى ئىلمىي مۇۋەپپەقىيىتى ئېلىمىزنىڭ تېببىي ئىلمى سەھىيە كەسپىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پەن تېخنىكا مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم جۇڭخۇا تىببى ئىلمىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 85 تۈرلۈك تېببىي ئىلمىي پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى ئىچىدە «داس سۆڭىكى يانپاش ئوغۇرى سۇنۇپ سۆڭەك بوغۇملىرى چىقىپ كېتىشنى داۋالاش تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ كىنىلىنىكىدا قوللىنىشى» قاتارلىق سەككىز تۈردىكى پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «ئاقسىل گۇرۇپپىسى تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ زور كېسەللىكلەر قاتارلىق تەتقىقاتتىكى قوللىنىشى» قاتارلىق 25 پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا؛ «قاناش تىپىدىكى كېسەللىكلەرگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە كېسەل قوزغىلىش مېخانىزمى تەتقىقاتى» قاتارلىق 47 پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭخۇا تېببىي ئىلمىي پەن تېخنىكا مۇكاپاتى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەن تېخنىكا تۈرى دۆلەتلىك تەبىئىي پەن ئىلمىي مۇكاپاتى، تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى ۋە پەن تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا تاللاپ قاتناشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە