باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق چاغانلىق قاتناشتا ئۈچ مىليارد يۈز مىليون ئادەم قېتىم توشۇلىدۇ

2013.01.28 09:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: 40 كۈن داۋاملىشىدىغان 2013-يىللىق چاغانلىق قاتناش باشلاندى. بۇ يىل چاغانلىق قاتناشتا مەملىكەت بويىچە ئۈچ مىليارد يۈز مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، ئوتتۇرىچە ھەر كۈنى توشۇلىدىغان يولۇچى 77 مىليون 410 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %9 ئېشىشى مۇمكىن. بۇ يىللىق چاغانلىق قاتناش مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلار، تۇغقان يوقلايدىغانلار، ئىشلەمچىلەر نىسبەتەن تارقاق بولغانلىقتىن، چاغانلىق قاتناشنىڭ 1-كۈنى ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقىرى دولقۇن پەيدا بولمىدى، يولۇچىلار كەڭ كۆلەمدە تۇرۇپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بەرمىدى.

  بېيجىڭ ۋوگزالىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شيې جىڭيى مۇنداق دېدى: بۇ يىل چاغانلىق قاتناشنىڭ پويىز بېلىتى مۇددەتتىن 20 كۈن بۇرۇن سېتىلدى، بۇلتۇر بولسا 12 كۈن بۇرۇن سېتىلغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل چاغان سەل كېيىنرەك كېلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر مۇددەتتىن بۇرۇن يۇرتلىرىغا قايتتى. چاغانلىق قاتناشنىڭ تۇنجى يۇقىرى دولقۇنى 1-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە پەيدا بولۇشى، ئەڭ يۇقىرى دولقۇن 7- ۋە 8-فېۋرال پەيدا بولۇشى، توشۇلىدىغان يولۇچى 300 مىڭ ئادەمگە يېتىشى، يولۇچىلار ئاق ياقىلىقلارنى ئاساس قىلىشى مۇمكىن. چاغانلىق قاتناشنىڭ تۇنجى كۈنى ھەممىلا جايدىكى قاتناش تەرتىپلىك بولۇپ كەتمىدى، بىر مەيدان قويۇق تۇمان خۇنەندىكى چاغانلىق قاتناشنىڭ تۇنجى كۈنىگە تەسىر كۆرسەتتى. يېقىنقى مەزگىلدە، ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا قار يېغىپ، مۇز توڭلاپ ياكى تۇمان پەيدا بولدى، چاغانلىق قاتناش مەزگىلىدە پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان ناچار ھاۋا رايىغا قارىتا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تەييارلىقنى ئالدىن ياخشى قىلدى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خې جيەنجوڭ مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى، ھاۋا رايى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى كېڭىشىپ، قاتناش ئۇچۇرلىرىنى كۆپ خىل تارقىتىش يوللىرى ئارقىلىق ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىمىز.

  تۆمۈريول تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خاربىن-داليەن، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريوللىرىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، توشۇش ئىقتىدارى كۈچەيگەن، بولۇپمۇ خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق بۇرۇن قاتناش ئىقتىدارى جىددىي بولغان جايلارنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت ئىقتىدارى كۈچەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۆمۈريول تارماقلىرىمۇ بىر قىسىم ئادەتتىكى يولۇچى پويىزلىرىنى كۆپەيتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل چاغانلىق قاتناشتا، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى بارلىق تۆمۈريوللاردىن نۇرغۇن ۋاقىتلىق پويىز يۆتكەپ، گۇاڭجۇ تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ چاغانلىق قاتنىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. بۇ يىل 20-يانۋاردىن تارتىپ، تۆمۈريول مىنىستىرلىقى لەنجۇ، خاربىن قاتارلىق جايلاردىكى تۆمۈريول ئىدارىلىرىدىن 43 پويىزنى ئاجرىتىپ، گۇاڭجۇغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، بۇلار ئاساسلىقى ۋاقىتلىق قاتناشقا سېلىنىپ، ئايرىم-ئايرىم چېڭدۇ-چۇڭچىڭ، ۋۇخەن، نەنچاڭ قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە قاتنايدىكەن. ھازىر تېخى يولۇچى يۇقىرى دولقۇنى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى چاغانلىق قاتناشنىڭ تۈرلۈك مۇلازىمەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشتۈردى. قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى چاغانلىق قاتناشنىڭ بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە