- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چاۋشيەن تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يادرو تەجرىبىسى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى
2013.01.25 14:13
چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى 24- يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە چېتىلىدىغان قارار ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك يادرو تەجرىبىسى ئىلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشتەك ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلغۇچى جەڭنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چاۋشيەن تاشقى ئشىلار ۋازارىتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەن سۈپەت ۋە مىقدار جەھەتتە ئۆزىنى قوغداش خاراكتېردىكى ئارمىيە كۈچىنى كۈچەيتىپ، يادرو چەكلەش كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىزىكىلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان جازالاش بېسىمىغا تاقابىل تۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە