باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

زېمان چېخنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى

2013.01.28 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:چېخنىڭ پىرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسى تۈنۈگۈن جاكارلاندى، چېخنىڭ سابىق باش مىنىستىرى زېمان %54.8 ئاۋاز بىلەن چېخ تارىخىدىكى تۇنجى ئاۋام بىۋاستە بېلەت تاشلاپ سايلاپ چىققان پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.

  زېمان سايلامدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىنكى نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: «خەلق بىۋاستە سايلاپ چىققان پىرېزىدېنت بولۇش سۈپىتىم بىلەن بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى :« كاتىپىم ۋە شوپۇرىمدىن باشقا ئادەملىرىمنى پىرىزىدېنت مەھكىمىسىگە تىقىپ قويمايمەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ھەر قايسى ساھەلەردىكى مەخسۇس خادىملار بولۇشى كېرەك».

  زىمان بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن. ئۇ پىراگا ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىنى پىلانلاش كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 1990-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە فىدراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1993-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە چېخ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان، 1998-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە ھۆكۈمەت زۇڭلىسى بولغان، 2010-يىلى پۇقرالار ھوقۇقى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە