باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بەنغازىدىن تېزدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى(1)

2013.01.28 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىقى ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىغا ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى، لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى بەنغازى شەھىرىدە كونكرېت پىلانلانغان، مەخسۇس غەربلىكلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىنچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىقى بارلىق ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىغا بەنغازىدىن دەرھال ئايرىلىپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئاۋسترالىيە - ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە گوللاندىيەدىن كېيىن پۇقرالىرىنىڭ بەنغازىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان يەنە بىر غەرب دۆلىتى بولدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئارقا ئارقىدىن پۇقرالىرىغا بەنغازىدىن ئايرىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىشى، لىۋىيەدە مەخسۇس غەربلىكلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەھلىللەردە: لىۋىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى ئەسەبىي تېررورىزم كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەت مەركىزىنىڭ بەلكىم ئاسىيادىن شىمالىي ئافرىقىغا يۆتكەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ ھېسابلاندى.

  ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 23-يانۋارلا پۇقرالىرىغا فىرانسىيە مالىغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن، لىۋىيەدە غەربلىكلەردىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن دەپ ئەسكەرتىش بەردى. ئەمەلىيەتتە، 2011-يىلدىن باشلاپ، ئاۋسترالىيە دىپلوماتىيە سودا مىنىستىرلىقى غەربلىكلەرنىڭ لىۋىيەدە تېررورلۇق ھۇجۇمى، تۇتقۇن قىلىنىش قاتارلىق خەتەرلەرگە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ لىۋىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلماسلىقى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.

  24-يانۋار، گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تورىدىمۇ ئەڭ يېڭى ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بەنغازىدىكى غەربلىكلەر بىۋاسىتە تەھدىتگە ئۇچراۋاتىدۇ، شۇڭا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بارلىق گېرمانىيە پۇقرالىرىدىن بەنغازى رايونىدىن تېز ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېيىلدى. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى «تۇتقۇن قىلىش ۋە ھۇجۇم تەھدىتى توغرىسىدىكى يەنە بىر جىددىي بىخەتەرلىك دوكلاتى»دا: شىمالىي ئافرىقا ۋە سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا، تېررورلۇق ھۇجۇم، مەقسەتلىك تۇتقۇن قىلىش ۋە جىنايى ھۇجۇم تەھدىتى كۈچىيىۋاتىدۇ. جىنايەت شايكىلىرى ۋە ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتى غەربلىكلەرنى مەقسەتلىك ھالدا ئىزدەۋاتىدۇ شۇنداقلا تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئالجىرىيە، نىگېرىيە ، مالى ۋە ماۋرىتانىيەدە يېقىندا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. غەربلىكلەرنىڭ ھەر ۋاقىت تۇتقۇن قىلىنىش تەھدىتى مەۋجۇت، گېرمانىيە پۇقرالىرىمۇ بارغانسېرى تۇتقۇن قىلىش ۋە ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋېستىر ۋېللى يېقىندا لىسبونغا زىيارەتكە بارغاندا، بەنغازىنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى كەسكىن، ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىشىمىز نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېرىشكەن نەتىجە، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە