باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بەنغازىدىن تېزدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى(2)

2013.01.28 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


  ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋە فېدېراتسىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 24-يانۋار، ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ لىۋىيەگە ساياھەتكە بېرىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى لىۋىيەنىڭ بەنغازى شەھىرىدىكى غەربلىكلەرنىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋە تۇتقۇن قىلىنىش خەۋپى ناھايىتى يۇقىرى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ بەنغازىغا ساياھەتكە بېرىشىگە قارشى تۇرىدۇ، ھەمدە بەنغازىدىكى بارلىق ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى تېزدىن ئايرىلىشىقا دەۋەت قىلىدۇ، دېدى. ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىش بىلەن بىرگە بارلىق ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى زۆرۈر بولمىسا لىۋىيەنىڭ پايتەختى تېرىپولى شۇنداقلا زۇۋالا، زاۋىيە، خۇرمۇس، لىستان، مىسراتا ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى لاسۋانوفدىن مىسىر چېگراسىغىچە بولغان رايونلارغا بارماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

  مىسىر ئەل ئېھرام ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گەندىلېر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمالىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى تۈپەيلىدىن، مەزكۇر رايوننىڭ ئەسلىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ زورىيىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. لىۋىيەنى مىسالغا ئالساق، كازافى مەزگىلىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت لىۋىيە خەلقىگە زور ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، كازافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن لىۋىيە تىنچلىققا ئېرىشەلمىدى، لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى كونترول قىلىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، بىر قىسىم ئەسەبىي كۈچلەرگە سىڭىپ كىرىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى. لىۋىيە ئۇرۇشىدا زور مىقداردىكى قوراللار ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى، بۇ شىمالىي ئافرىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى.

  مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالىمى ئادىل مۇنداق ھېسابلىدى: ئەسەبىي تېررورلۇق كۈچلىرىنىڭ غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. يېقىنقى مەزگىلدە شىمالىي ئافرىقىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى دۇنيانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ تېررورىزم مەركىزىنىڭ غەربىي ئاسىيادىن شىمالىي ئافرىقىغا يۆتكەلگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

  ئادىل مۇنداق دېدى: ئافغانىستان، ئىراق، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىكى تېررورلۇق كۈچلەر ناھايىتى جاھىل، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى ۋە تەسىرى ناھايىتى زور. بىر تەرەپتىن، شىمالىي ئافرىقىدىن باشلانغان سىياسىي ئۆزگىرىش مەزكۇر رايوننىڭ ئىلگىرىكى تىنچلىقىنى بۇزدى، بازا تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەتتى، يېقىندا ئالجىرىيەدە يۈز بەرگەن چەتئەللىكلەرنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى دەل بۇنىڭ مىسالى. لېكىن يەنە شۇنى بىلىش كېرەككى، سۇرىيە ۋە ئىراقتىكى تېررورلۇق كۈچلەرنىڭ تەسىرى شۇ يەردە ناھايىتى زور، سۇرىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر تېررورىزىمنىڭ بىخلىنىش رايونىغا ئايلىنىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشى كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە