- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگودا PM2.5نى تۈزەش باشلاندى
2013.01.25 15:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 24-چېسلا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرى جوۋ شېڭشيەن مەملىكەتلىك مۇھىت ئاسراش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: PM2.5نى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش 2013-يىللىق مۇھىت ئاسراش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بىرىنچى باسقۇچتا 74 شەھەردىكى 496 تەكشۈرۈش نۇقتىسىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا، 113 شەھەردە PM2.5 قاتارلىق 6 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ ھەمدە بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەكشۈرۈشكە ئالاقىدارسانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىدۇ. (سۈن يى، لى يوۋجۈن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە