باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە سۇرىيەدىكى مۇھاجىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى(2)

2013.01.24 15:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋاندا تۇرۇشلۇق بۇ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بېيرۇتقا بارغان رۇسىيەنىڭ بۇ ئىككى مەخسۇس ئايروپىلانى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەس، بۇ بىر دائىملىق ئىش. دەمەشىقتىكى رۇسىيە ئەلچىخانىسى ئايرىلماقچى بولغان رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئېرىشسىلا، بىز يەنە باشقا ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرىمىز.

  رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۇرىيەدە مەڭگۈلۈك ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇشنى تىزىملاتقان رۇسىيە پۇقراسى سەككىز مىڭىدىن ئاشىدىكەن، ئۇندىن باشقا تەخمىنەن 25مىڭ رۇسىيەلىك ئايال سۇرىيەلىكلەرگە ياتلىق بولۇپ بارغان، لېكىن ئۇلار ئەلچىخانىغا تىزىمگە ئالدۇرمىغان.

  ھازىر سۇرىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرى ئاساسلىقى ئىككى خىل.

  بىرى دىپلوماتىيە خادىملىرى، ھەربىي تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرى ۋە شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئوفىتسېر ئەسكەرلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىي تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرى ئەڭ كۆپ. سۇرىيە ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي جابدۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنداقلا ھازىرقى رۇسىيەدىن كەلگەن بولغاچقا، زور تۈركۈم تېخنىكا مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمىگە موھتاج . رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ قورال ياراق ئېكسپورت شىركىتى لوسوبودراككونا ئېكسپورت شىركىتىنى مىسال ئالساق، ئۇنىڭ سۇرىيەدە دائىمىي تۇرۇشلۇق تېخنىكا مەسلىھەتچىسى مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇندىن باشقا 1971-يىلى سۇرىيەنىڭ تارتۇس پورتىنى ئىجارىگە ئېلىپ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوغداش ۋە ئارقا سەپ تەمىنات بازىسى قۇرغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى شۇنداقلا ھازىرقى رۇسىيەنىڭ 900دىن ئارتۇق ئوفىتسېر ئەسكىرى يىل بويى سۇرىيەدە تۇرۇپ كەلمەكتە.

  ئىككىنچى خىلى 20 مىڭدىن ئاشىدىغان ئادەتتىكى رۇسىيە پۇقرالىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ قىسمى سۈرىيەلىكلەرگە ياتلىق بولغان رۇسىيە ئاياللىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قانچىلىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئايرىلىشنى خالايدىغانلىقى نامەلۇم.

  گەرچە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيىنىڭ سۈرىيەدىكى مەنپەئەتى بولۇپمۇ رۇسىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

  بۇلتۇر دېكابىردا رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوگدانوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېمىننى ئىگىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. رۇسىيە زۆرۈر تېپىلغاندا، سۈرىيەدە تۇرىۋاتقان رۇسىيە پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ.

  گەرچە رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقىنى تېزدىن بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سېلىشتۇرمىلاردىن رۇسىيەنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىگە بولغان ھۆكۈمىنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە