باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە سۇرىيەدىكى مۇھاجىرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى(3)

2013.01.24 15:00        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۇماسىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، سىياسىي تەھلىلچى سېرگېي.ماكوف 22-يانۋار كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ باشار ھاكىمىيىتى ئاخىرقى ھېسابتا گۇمران بولىدۇ، شۇڭا ھازىر سۈرىيەدىكى رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى، دەپ قارايدىكەن.

  ماكوف يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر سۈرىيەگە يېقىن دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان رۇسىيە ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ زور كۆلەملىك مۇھاجىر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتىگە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

  بۇلتۇر 17-دېكابىر رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بالتىق دېڭىزى فىلوتى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قارا دېڭىز فىلوتىنىڭ ئورنىغا ئالماشماقچى بولغاندىلا رۇسىيە تاراتقۇلىرى رۇسىيە سۈرىيەدىن زور كۆلەملىك مۇھاجىر چېكىندۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلىشقان ئىدى. ھەتتا ئۇلار رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رۇسىيە مۇھاجىرلىرىغا بىر قەدەر بىخەتەر بولغان ئىككى چېكىنىش لىنىيەسى بەلگىلەپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

  2011-يىلى مارتتىن باشلاپ سۇرىيە كىرزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، موسكۋا ئىزچىل تۈردە باشار ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەھكەم قوللىغۇچى بولۇپ كەلدى. ھەربىي ئىشلار ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ئەمەلىي قوللىدى. نۆۋەتتە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 3 چوڭ فىلوتى سۈرىيەگە يېقىن دېڭىزدا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم رۇسىيەنىڭ تۇيۇقسىز مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ مۇھاجىرلىرىنى چېكىندۈرۈشى خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەيران قالدۇردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي مانېۋىر بىلەن مۇھاجىرلارنى چېكىندۈرۈش بىر بىرىگە زىت ئەمەس. رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى فىلوتىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ كېلىپ مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى قارىماقتا باشار ھاكىمىيىتىگە مەدەت بېرىش شۇنداقلا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشار ھاكىمىيىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ھەمدە سۈرىيەنىڭ يوشۇرۇن يېڭى ھۆكۈمرانغا كۆچ كۆرسەتكەنلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ. رۇسىيە سۇرىيە كىرزىسىغا چېتىلىدىغان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە رۇسىيە مۇھاجىرلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى مەنپەئەتىنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ مەنپەئەتنى جان پىدالىق بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.

  ئەمەلىيەتتە بولسا، گەرچە رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەيدانىنىڭ قىلچە تەۋرەنمەيدىغانلىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ئاللا بۇرۇن كۆپ تەرەپتىن ھەرىكەت قوللىنىپ، باشار ھاكىمىيىتىنىڭ بىتچىت بولۇشىغا تەييارلىق كۆرۈپ قويدى.

  بۇلتۇردىن باشلاپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ھەرقايسى ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. سۈرىيەدىكى بىر قانچە ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. پىرېزىدېنت پۇتىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە رەھبەرلىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشارنىڭ شەخسەن ئۆزىنى ئەمەس بەلكى رۇسىيە ئوتتۇرا قويغان سۇرىيە كىرزىسىغا چەتئەللەر ئارىلاشماسلىق مەيدانىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە