1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۈچۈن، پارلامېنت سارىيى يېڭىدىن بېزەلدى. 21-چېسلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى پارلامېنت سارىيىنىڭ غەربىي يېنىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يېڭىپ چىققان ئوباما قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن نامايىش پائالىيىتى بىلەن ئىككى مەيدان ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش تانسا بەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە خەلق تورى