باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر ئىككى ئېنېرگىيە تۈرى دۆلەتنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى

2013.01.21 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىككى ئېلېكتىر تۈرى خۇانېڭ بۈگۈر ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى بىلەن شىنخۇا كۆيۈكتاغ ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن.

  خۇانېڭ بۈگۈر ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ لايسۇ نېفىت–خىمىيە سانائەت رايونىغا جايلاشقان. تەستىققا ئاساسەن، 350 كىلوۋاتلىق ئۇلتىرا كىرىتىكلىق، ۋاسىتىلىك ھاۋا ئارقىلىق سوۋۇتىلىدىغان، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلىدىكەن شۇنداقلا يەنە گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش، نېتراتسىزلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىمۇ ئورنىتىلىدىكەن. بۇ تۈردە 2013–يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2014–يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشىدىكەن. بۇ تۈر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق توك چىقىرىش مىقدارى 3 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە، يىللىق پار بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 7 مىليون 880 مىڭ jG غا يېتىپ، 7 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمنى ئىسسىتىش ۋە 300 توننا/سائەت ئىسسىقلىق ئېھتىياجىنى قامداپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئاساسلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە بۈگۈر ناھىيە لايسۇ نېفىت–خىمىيە سانائەت رايونىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبەگە ئايلىنىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ توك قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدىكەن شۇنداقلا كۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تىرانسپورت، مۇلازىمەت قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  شىنخۇا كۆيۈكتاغ ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇش تۈرى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ كۆيۈكتاغ سانائەت رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 350 مىڭ كىلوۋاتلىق ئۇلتىرا كىرىتىكلىق كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلىدىكەن، يانداش قۇرۇلىدىغان ئىسسىقلىق تورى قۇرۇلۇشىدا كۆمۈر بىلەن ئېلېكتىرنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلىدىكەن، كۆمۈر تاسما ئارقىلىق زاۋۇتقا يوللاپ بېرىلىدىكەن، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار سۇ تېجەش تېخنىكىسى قوللىنىدىكەن ھەم داشقالدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىدىكەن، بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كېرەكلىك توك ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن، كۆيۈكتاغ سانائەت رايونىنىڭ قىشلىق پار بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى ۋە سانائەتتە ئىشلىتىدىغان ئىسسىقلىق ئىقتىدارىنى قامدايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە