باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تۈنجى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش دۆلەت ئۆلچىمى 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2013.01.22 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ تۈنجى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش دۆلەت ئۆلچىمى بولغان «ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسىدىكى ئاممىۋى ۋە سودا مۇلازىمەت سىستېمىسىدىكى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قوللانمىسى 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ ئۆلچەمنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شەخسلەرنىڭ نازۇك ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن ئاۋۋال شەخسىي ئۇچۇر ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئېنىق بەرگەن ھوقۇقى بولۇشى زۆرۈرلۈكى بەلگىلەندى. بۇ ئۆلچەمنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى شەخسىي ئۇچۇر شەخسلەرنىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇرى ۋە نازۇك ئۇچۇرلىرى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ھەمدە كۆڭلىدە قوشۇلۇش ۋە قوشۇلغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئادەتتىكى ئۇچۇرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا كۆڭلىدە قوشۇلغانلىقىنى ئورنىتىش ئاساسىدا، شەخسىي ئۇچۇر ئاساسىي گەۋدىسى ئېنىق قارشى تۇرمىسا، ئۇنى يىغسا ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ. شەخسىلەرنىڭ نازۇك ئۇچۇرلىرىغا قارىتا قوشۇلغانلىقىنى ئېنىق ئورنىتىش ئاساسىدا، يىغىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن ئاۋۋال شەخسىي ئۇچۇر ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ئېنىق ھوقۇق بېرىشىگە ئىگە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو يۇمشاق دېتال باھالاش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ شۈەن مۇنداق دېدى: ئۆلچەمنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئېلىمىزدىكى شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە