باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارتىلاش رەسمىيەت ھەققىي تۆۋەنلىتىلدى

2013.01.22 14:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تور بېكىتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ، تىجارەتچىلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ كارتىلىق ئستېمالىغا قولايلىق يارىتىپ، بانكا كارتىسى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆرىرەك بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم كارتىلاش رەسمىيەت ھەققى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشىنى بەلگىلىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن كارتىلاش رەسمىيەت ھەققى ئۆلچىمى بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى ھەمدە چېگرا ئىچىدىكى بانكا كارتىسىنىڭ قوبۇل قىلىش تېرمىنالىغا تەتبىقلىندىغان بولدى.

  بۇ قېتىمقى كارتىلاش ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نىسبىتى ئومۇمەن %23 تىن %24 كىچە بولغان. گەرچە بۇ قېتىملىق كارتىلاش رەسمىيەت ھەققىنى تەڭشەش خۇسۇسىي ئىستېمالچىلارغا چېتىشلىق بولمىسىمۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە خۇسۇسىي ئىستېمالچىلارمۇ بۇنىڭدىن ۋاسىتىلىك مەنپەئەتلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە