باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەت ئىدارىسى «شىنجاڭ ساياھەت كېچىلىكى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

2013.01.22 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

«شىنجاڭ ساياھەت كېچىلىكى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى. شۈ مېڭ فوتوسى
  21-يانۋار چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭ ساياھەت كېچىلىكى» مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا شىنجاڭ تاراتقۇ مۇكاپاتى، گۈزەل شىنجاڭ فوتو سۈرەت مۇكاپاتى، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ ساياھەت ئوبراز ۋەكىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپات ئېلان قىلىندى.

  خەلق گېزىتى، خەلق تورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 تاراتقۇ «شىنجاڭنىڭ 2012-يىللىق ساياھەت خەۋەرلىرىدىكى مۇنەۋۋەر تاراتقۇ» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. نەق مەيداندا يەنە «گۈزەل شىنجاڭ فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىنجاڭ سىرتىدىكى تاراتقۇلار ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات ھەمدە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت ئوبراز ۋەكىلىنى تاللاشتا ئالدىنقى 40نىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرلار تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا تاللاپ چىقىلغان 10 ماھىرغا مۇكاپات لوڭقىسى ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى تېز سۈرئەتتە يۈكسەلگەن بولۇپ، 2015-يىلغا بارغاندا، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرلا 10 مىليۇن ئادەم قېتىمىغا، چېگرىدىن كىرگەن ساياھەتچى 2 مىليۇن ئادەم قېتىمىغا يېتىپ، ساياھەتچىلىكتىن بولىدىغان ئومۇمىي كىرىم 80 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن.

  
تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت ئوبراز ۋەكىللىكىگە ئېرىشكەن ئالدىنقى ئۈچ ماھىر. شۈ مېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە