باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ش ئۇ ئا ر دۆلەتنىڭ 6 مىليون 30 مىڭ يۈەن ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنى تارقاتتى

2013.01.21 14:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىڭ بونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون يېقىندا دۆلەتنىڭ ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنى تارقاتقان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق بەش ئالىي مەكتەپتىكى 267 ماگىستىر ئاسپىرانت، 23 دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىپ، جەمئىي 6 مىليون 30 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىغا ئېرىشكەن.

  دۆلەتنىڭ ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا، تەتقىقات ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى گەۋدىلىك، ئىپادىسى ياخشى بولغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھەر يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلارغا 20 مىڭ يۈەن، دوكتور ئاسپىرانتلارغا 30 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››نى تۈزۈپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى››نىڭ يۇقىرى ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى كىشى بېشىغا يىلىغا 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستۈرگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2010–يىلىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى ئاساسىدا، ھەر يىلى يەنە 160 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى››نى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە مەخسۇس ئىشلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى %28 تىن % 72 كە ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە