باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ئېلېكتر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ،مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا پائال يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلىشىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، يېزا ئىگىلىك ئېلېكتر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى كۈچەپ ۋاقتىدا، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ئورۇنداش لازىم

2016.03.28 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ئېلېكتر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تېلېۋىزىيە تېلېفون يىغىنى مەزگىلىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك ئېلېكتر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى پەرقىنى ئازايتىپ، مىليونلىغان دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىستېمال ھەققىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەكنى سوققىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىك ۋە بىر تۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈتشتۈرۈش مېخانىزمىدا پائال يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرلۇشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ئېلېكتر تورى كارخانىلىرى جاسارەت بىلەن ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئېلېكتر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋەزپىسىنى كۈچەپ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ ۋاقتىدا ئورۇندىشى، يېزا ئىگىلىك ۋە يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر