باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەز كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتى باشلاندى

2016.02.18 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ 17-فېۋرال ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەركەز ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «مەركەز كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى باشلىغان.

  مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا، ئاپتوموبىلنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ دائىرىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلمايدىغان كەسپىي ئورۇنلار، شۇنداقلا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماق، ئورۇنلىرىغا قاراشلىق مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلمايدىغان ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خادىملار دائىرىسى ئەسلىدىكى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىكى قاتناش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىپ ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىۋاتقان ئىش ئورنى ۋە خىزمەتچىلەر، پرىنسىپ بويىچە ھازىرقى ئۇسۇلنى ساقلايدۇ. كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يادروسى «ئۈچتە چىڭ تۇرۇش»، يەنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار، تارماقلارغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىن ئىبارەت ئىككى تۈر بويىچە، ئايرىم-ئايرىم ئاپتوموبىل ئىسلاھاتى تەدبىرى تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش. تارماقلار سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، كەسپىكە مەسئۇل تارماقلار ئىسلاھاتتىكى سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ تەدبىر تۈزۈشتە چىڭ تۇتۇش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر