باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2015-يىل>>تارىخ

«مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەگە مەدەت بېرىش ھەرىكىتى»گە 500 يۈەن ئىئانە قىلغان لۇ شيۇجېن

2015.09.02 13:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1942 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1943 - يىلىنىڭ بېشىغىچە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەملىكەتلىك ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلەردىن ھال سوراش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ئومۇملاشقان «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەگە مەدەت بېرىش ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇردى، لۇ شيۇجېننىڭ ھېكايىسى ئاشۇ مەزگىللەردە يۈز بەرگەن.

  لۇ شيۇجېن دىخۇا شەھىرىنىڭ پۇقراسى بولۇپ، كۆپ يىل ئىلگىرى ئېرى بىلەن بىللە شىنجاڭغا كەلگەن، لۇ شيۇجېننىڭ ئېرى يۇرتدىشى بىلەن شېرىكلىشىپ سودا قىلغان. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ئېرىنىڭ سودىسى راۋاج تېپىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانغان. لېكىن كۈتۈلمىگەندە ئۇنىڭ ئېرى ئېغىر كېسەل بولۇپ قازا قىلغان، لۇ شيۇجېنمۇ قايتا ياتلىق بولۇشقا مەجبۇر بولۇپ، سودىسىنى يۇرتدىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  1943 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يۇرتدىشى ياشىنىپ قالغاچقا تىجارەتنى توختىتىپ، شەندۇڭغا قايتماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ شەندۇڭلۇق يۇرتدىشى تولىمۇ سەمىمىي كىشى بولۇپ، ئەينى يىلىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن دەسمايە ۋە پايدىنى ھېسابلاپ، لۇ شيۇجېننىڭ ئېرىگە تېگىشلىك قىسمىنى خەنزۇ تىلى ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىشىگە، شەندۇڭدىكى ئائىلىسىدە باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بولمىسا ئاندىن بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

  بۇ ئىش بېكىتىلگەندىن كېيىن بۇ شەندۇڭلۇق يۇرتدىشى يەنە 500 يۈەننى لۇ شيۇجېنغا بەرگەن. لۇ شيۇجېن پۇلنى ئېلىشنى چىرايلىقچە رەت قىلغان بولسىمۇ، يۇرتدىشى چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، بۇ 500 يۈەننى قوبۇل قىلغان. ئەينى چاغدا «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەگە مەدەت بېرىش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، لۇ شيۇجېن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەچكە، بۇ 500 يۈەننى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 1 - سېپىدىكى ئەزىمەتلەرگە ئىئانە قىلىش نىيىتىگە كەلگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش كومىتېتى بۇ ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، لۇ شيۇجېننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى ماختىغان.

  لۇ شيۇجېننىڭ ئىش - ئىزلىرى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە مەردانلىق بىلەن پۇل ياردەم قىلغانلارنىڭ ئوبرازىدۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر