خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇرپان شىنجاڭدىكى شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق قۇرۇق ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان رايون. ھەر يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ باشلىرىدىن سېنتەبىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۇرپاندا ئۈزۈم ئۈزۈش باشلىنىدۇ. يەرلىكتىكى كىشىلەر پىشقان ئۈزۈملەرنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ چۈنچىدە ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇق ئۈزۈم قىلىپ قۇرۇتىدۇ ۋە ساتىدۇ.
قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار ئۈزۈمنى سالقىن چۈنچىلەرگە ئاسىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، يەرلىكتىكى %30 ئۈزۈم ئۈزۈلگەندىن كېيىن سىپتا ئورىلىپ، ھەر خىل شەكىللەردە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا توشۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %70 ئۈزۈم چۈنچىگە ئېسىلىدىكەن. ئادەتتە تەخمىنەن 5 كىلوگرام ئۈزۈمدىن بىر كىلوگرام ئۈزۈم قۇرۇيدىغان بولۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم ساقلاش ۋاقتى ئۇزۇن، توشۇش قۇلايلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدىكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى