باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

2015.09.01 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە ساقلاپ قېلىش كېرەك

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 31-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىنىڭ 3-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى 31-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىياسىي قانۇن بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى جو زېيۈەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىدىن چۈشەنچە بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى، ئۇ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جو زېيۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدە قانۇن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقى، شۇنداقلا خەلقئارادا قانۇن ئىدارە قىلىشقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا ئەزەلدىن پائال قاتنىشىپ، خەلقئارا قانۇنغا ناھايىتى مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان، جۇڭگو ب د ت نى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ب د ت نىڭ تەشكىللىنىشى، ب د ت نىڭ رولىنىڭ قارى قىلدۇرۇلۇشى، ب د ت نىڭ يۈرۈشۈشى، ب د ت نىڭ بىر قاتار قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىدە پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر