باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يەنىمۇ تېزلىشىدۇ

2015.09.01 16:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھەرەمباغ»نىڭ ئۆزگىچە يەرلىك تائاملىرى، مامۇتجان سامسىلىرى، ساۋەننىڭ توخۇ قوردىقى، ئابلاجان نانلىرى... مەيلى شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار بولسۇن ياكى جاي - جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدىغان بۇ ئېسىل تائاملار ھازىر شىنجاڭدىن ھالقىپ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، چەت ئەللەردە داڭق چىقارماقتا.

  بېيجىڭدىن شىنجاڭغا بىر ئايلىق ساياھەتكە كەلگەن گۇەن مىڭ يېقىندا ماڭا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىگە ئۈچ - تۆت قېتىم كەلدىم، بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ بېرىپ كېلەي دەيمەن، بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى مېنى جەلپ قىلىۋالدى، ئۆزگىچە تائاملىرىنىمۇ قالتىس ياقتۇرىمەن. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇ تاماق تۈرلىرىنى بېيجىڭدىكى دوست - بۇرادەرلىرىمگە تەشۋىق قىلىمەن، قايتىشىمدا ئابلاجان نانلىرىدىن كۆپرەك ئېلىۋالاي دەيمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپى ھەر يىلى%20لىك سۈرئەت بىلەن تېز تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، يەرلىكنىڭ بىر تۈركۈم داڭلىق ماركا ۋە ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەكلىرى زامانىۋى زەنجىرسىمان تىجارەت شەكلى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى بازارلارغا يۈزلىنىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان «يالقۇنتاغ» رىقابەت كەسكىن بولىدىغان بېيجىڭدا پۇت تىرەپ تۇرۇۋېتىپتۇ، ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭنىڭ توخۇ قوردىقى، لەڭمىنى، پولۇسى ۋە نانلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە كىرىپ، شۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشىپتۇ.

  ئۇقۇشىمچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋېتىپتۇ. سودا تارماقلىرى ۋە كەسپىي ئۇيۇشمىلار بۇنداق كارخانىلارغا سىياسەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەر خىل يېمەك - ئىچمەك يەرمەنكىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، تىجارەتتە سەمىمىي بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ؛ «دۆلەت ئالماس دەرىجىلىك مېھمانخانا»، «دۆلەت يۇلتۇز دەرىجىلىك ساماۋار شورپىخانىسى»، «ئۈرۈمچى يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىكى كونا ماركا»، «ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق دۇكان، داڭلىق قورۇما، داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىك»لەرنى باھالاش، «شاڭخەي جېننىس رېكورتى»غا ئېسىل، ئۆزگىچە تائام تۈرلىرىنى قاتناشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى داڭلىق يېمەك - ئىچمەك ماركىلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ.

  ئۇقۇشىمچە، 2014 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «دۆلەت ئالماس دەرىجىلىك» مېھمانخانا 85كە، «دۆلەت يۇلتۇز دەرىجىلىك ساماۋار شورپىخانىسى» 12گە يېتىپتۇ، 65 يېمەك - ئىچمەك كارخانىسى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىكى داڭلىق ماركا» شەرىپىگە، 79 تۈر «داڭلىق قورۇما، داڭلىق ئۇششاق يېمەكلىك» شەرىپىگە، يېمەك - ئىچمەك كارخانىسىدىن 12سى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىكى كونا ماركا» شەرىپىگە، 50 تېز تاماقخانا «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەسىرى چوڭ، تەكسە باھالىق ئۆزگىچە تاماقخانا» شەرىپىگە ئېرىشكەن.

  2013 - يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى «ئۆزگىچە ئېسىل تائاملار كوچىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش پىكرى»نى تارقىتىپ، ئۈچ - تۆت يىل ئىچىدە، ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لاردا ئۈنۈمى گەۋدىلىك، مەدەنىيەت تۈسى قويۇق، بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان، ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشكەن، كوچا باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى كۆرۈنەرلىك بولغان ئېسىل تائاملار كوچىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان، 2014 - يىلىدىن باشلاپ «بەخت» يولى ئېسىل تائاملار كوچىسى، «گۇنيۈەن» يولى ئېسىل تائاملار كوچىسى، يېڭى «خەلق» يولى ئېسىل تائاملار كوچىسى، باغچە شىمالىي يولى ئىستىراھەت تائاملار كوچىسى، «جياڭسۇ» يولى ئېسىل تائاملار كوچسى قاتارلىق كوچىلار كەينى - كەينىدىن بارلىققا كەلگەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆلەملەشكەن ئېسىل تائاملار كوچىسىدىن 30 نەچچىسى بار ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەك - ئىچمەك كەسپى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خادىمى جاڭ بىڭشېڭ مۇنداق دېدى: يېمەك - ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. پىلانغا ئاساسەن، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مۇكەممەل، تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغان، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى ھاياتىي كۈچكە تولغان زامانىۋى يېمەك - ئىچمەك كەسپىي تۈزۈلمىسى شەكىللىنىپ، ئۆزگىچە تائام مەدەنىيىتى ماركىسى يارىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر