- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مىسىر ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ تەبئىي گازلىق بايقالدى
2015.09.01 18:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى): مىسىر نېفىت مىنىستىرلىكى 30-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ تەبئىي گازلىق بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ گازلىقنى ئىتالىيە ئەينى گۇرۇھى مىسىر ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە بايقىغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى بايقالغان گازلىقنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن، يوشۇرۇن گاز زاپىسى 850 مىليارد كۇبمېتىر كېلىدىكەن. ئەينى گۇرۇھى شىركەت تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ گازلىقنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز بويىچە ئەڭ چوڭ» ئىكەنلىكىنى، مىسىرنىڭ بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىللىق گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلىقىنى، بۇ تارىخىي بايقاشنىڭ مىسىرنىڭ ھازىرقى ئېنېرگىيە ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر