باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

8 - نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 13 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2015.09.01 16:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى −− شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى 30 - ئاۋغۇست مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىدە 518 تۈر بويىچە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، پىلاندىكى 367 كېلىشىمدىن 147 تۈر كۆپىيىپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 13 مىليارد 834 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 1 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىمدىكى تۈرلەر يېڭى ماتېرىياللار، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك، بىيوتېخنىكا قاتارلىق 11 ساھەگە چېتىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق تۈرىدىن 24ى بار بولۇپ، سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «جياشىن» مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ئىمزالىغان «ئالاقە تورى ئەشيا ئوبوروتى» تۈرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى «لۇئەن» ئېنېرگىيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ «روڭتەي» يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىمزالىغان «تەبىئىي گازدىن ساپلىقى يۇقىرى پاراففېن ياساش»تۈرى، بايىنغولىن ئوبلاستى «گېنلىدو» بىيوتېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن خېبېي «گېنلىدو» بىيوتېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئىمزالىغان «يىلىغا 360 مىڭ توننىلىق بىيولوگىيەلىك موخائۇپت ئوغۇتى» تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسىگە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سىستېمىسىدىكى 11 تارماق ئاكادېمىيەدىكى 61 تەتقىقات ئاپپاراتى، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئون ئۆلكە ۋە شەھەر، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۈەندىكى شىلار ۋە ئاپتونوم رويونىمىزدىكى 27 ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورنى، كارخانىلاردىكى 4000غا يېقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، جەمئىي توققۇز چوڭ كۆرگەزمە رايونى، 459 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان، ئارىلىقتا يەنە ئالتە مەيدان مەخسۇس تېمىدىكى پەن - تېخنىكا دوكلات يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار، پىكىر ئالماشتۇرغانلار ۋە كېڭەشكەنلەر 31 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يەتكەن.

  ئىلگىرىكى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە ۋە شەھەرلەر، ئېكسكۇرسىيەگە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، كۆرگەزمە سارىيىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى ئەڭ كۆپ، كۆرگەزمىدە كېڭىشىلگەن تۈرلەرنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان يەرمەنكە ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر