بۇداپېشت شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېقىندا شەھەر ئىچىدىكى بىر قانچە ۋوگزال ئەتراپىغا ئۆتەڭ بېكەت قۇرۇپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ئۇچۇر، يېمەكلىك ھەمدە ساقلىق ساقلاش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تەمىنلىگەن. ۋېنگرىيە چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرگە ئۆتۈشىدىكى ئاساسلىق ئۆتەڭ بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 140 مىڭدىن ئارتۇق مۇساپىر ۋە قانۇنسىز كۆچمەن سېربىيە ئارقىلىق ۋېنگرىيەگە كىرگەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ۋېنگرىيەدە نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئاۋسترىيە قاتارلىق غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە يۈرۈش قىلغان.