باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۆتمۈشىنى ئەسلەپ، دۆلىتىمىزگە بولغان ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەيلى

2015.09.01 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 31-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. نۇرغۇن كىشى 31-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن نەنچاڭ شەھىرىنىڭ شىخۇ رايونىدىكى نەنچاڭ يېڭى 4-ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ كونا ئادرېسىغا سېلىنغان كۆرگەزمىخانىغا ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەلدى، مومىسى بىلەن بىرلىكتە ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن جياڭشى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شيۇڭ يۆچېڭ: «جۇڭگو ناھايىتى قالتىس ئىكەن، قورالى شۇنچە ناچار تۇرۇقلۇق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇب قىلالاپتۇ، بۇ ئاسان ئەمەس!» دېدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلىغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جايلار ھەر خىل شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، تارىخ ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلىدى.

  «سەدىچىن سېپىلى بويىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەشتە، ئۇلارنىڭ روھىغا بەكرەك ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى دەۋر قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشىشىمىز كېرەك!» بېيجىڭ شەھىرى يەنچىڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن «جىڭخۇا ئەزىمەتلىرى پىڭبېيدا» تەشۋىقات ئۆمىكى 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بادالىڭ بازىرىغا بېرىپ، بۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا «پىڭبېي ئۇرۇشىنى ئەسلەش، دۆلەتكە بولغان ھېسسىياتىمىزنى ئىپادىلەيلى» باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات يىغىنى ئاچتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر