باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئارمىيەسى «روھلۇق، ئىقتىدارلىق، ۋىجدانلىق، پەزىلەتلىك» يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ياخشى قىياپىتى بىلەن لاياقەتلىك جاۋاب بەرمەكتە

ئارمىيەمىز يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە جەڭگىۋارلىق كۈچىنى تېز ئاشۇرماقتا

2015.09.01 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 30-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. نەچچە ئون سوقۇش ئايروپىلانى گۈركىرىگەن ھالدا ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، يۈزدىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى...... خۇاڭخەي دېڭىزى ۋە نەنخەي دېڭىزىدا راست ئوق قارشىلىق كۆرسىتىش مەشىقى قىلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز دېڭىز ئارمىيەسى 27-ئاۋغۇست دۇڭخەي دېڭىزىنىڭ مەلۇم دېڭىز تەۋەلىكىدە چوڭ كۆلەملىك راست ئوق قارشىلىق كۆرسىتىش مەشىقى تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ھالقىش--2015 . جۇرىخې» ناملىق يۈرۈشلۈك راست ئوق قارشىلىق كۆرسىتىش مانېۋىرى ئىچكى مۇڭغۇل يايلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جىددىي ئۆتكۈزۈلدى. «ئوت كۈچى--2015» ناملىق راست ئوق مانېۋىرىنىڭ «ئۇرۇش ئوتى» 1-ئىيۇلدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىزچىل كۆيىدۇ...... جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەقىقىي ئۇرۇشقا ئوخشاپ كېتىدىغان مەشىق ۋە مانېۋىرلىرى ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى ئىنتايىن مۈشكۈل قانلىق جەڭ ئارقىلىق، ئەڭ ئەشەددىي ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇب قىلغان. ھەيۋەتلىك ئۇرۇش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان 8-ئارمىيە، يېڭى 4-ئارمىيە ۋە شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە، جەنۇبىي جۇڭگو ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلار ئەترىتى قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈچلەر كۈچلۈك دۈشمەندىن قورقماسلىقتەك قەھرىمانلىقى ئارقىلىق، ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىلىرى ئورنىنى بېسىپ، ئۆلۈمدىن قورقماي، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتلىك قەھرىمانلار زەپەر مارشىنى ياڭراتقان. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر