باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

8-ئايدىكى توك تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلدى، تۆمۈريولنىڭ كۈندىلىك يۈك تىرانسپورتى ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى

2015.09.01 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىشىدە يەنىمۇ ئىجابىي ئۆزگۈرۈشلەر پەيدا بولدى

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ، 30-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، 8-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ توك تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتى ئەھۋالى ياخشىلانغان. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىسادنى يۈرۈشتۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى ياڭجې: 8-ئايدىكى توك تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش، شۇنداقلا يۈك تىرانسپورتى مىقدارىدىكى ئۆزگۈرۈش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي يۈرۈشىشىدە يەنىمۇ ئىجابىي ئۆزگۈرۈش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ ئومۇمىي مىقداردا سەل ئەكىس ئەتكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ، دېدى.

  دۆلەت تورى تېز خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 1-ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە، ئېلىمىزدە 463 مىليارد 349 مىليون كىلوۋات سائەت توك تارقىتىلغان ۋە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪2.97 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 6.54 پىرسەنت پوئېنت ئەسلىگە قايتقان، 7-ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتىگە قارىغاندا 4.97 پىرسەنت پوئېنت ئەسلىگە قايتقان. رايونغا ئايرىپ قارىغاندا، 8-ئاينىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرىلىرىدا، شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو، غەربىي شىمال، جەنۇبىي رايوندا ئاساسەن مۇسبەت ئېشىش داۋاملاشقان، كۈندىلىك توك ئىشلىتىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪1.39، ٪6.87، ٪6.56، ٪3.55، ٪0.37 ئاشقان؛ شەرقىي شىمالدا يەنىلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ٪1.15 تۆۋەنلىگەن. شەرقىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىنىڭ ئېلىمىزىنىڭ توك چىقىرىش ۋە ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى ٪81.3تىن ئاشقان، بۇلارنىڭ يىغىندىسى ئېلىمىزنىڭ توك تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى سۈرئىتىنى 2.86 پىرسەنت پوئېنت كۆتۈرگەن. ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ھازىرقى يۈرۈشۈش ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ توك تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش مىقدارى 8-ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ٪3 ئەتراپىدا ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن؛ 9-ئايدا داۋاملىق ئېشىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر