باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكى نۇرغۇن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى

2015.09.01 16:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ يۆلەش يىغىنىدا، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تۇنجى تۈركۈمدە 20 «جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئۈلگىلىك بازا»نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان، شىنجاڭ خوتەن «خې بودەك» قۇملۇق بوستانلىقى ئېكولوگىيە باغچىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن؛ تەقدىرلەنگەن «جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى 1000 ئۈلگىلىك كەنت»، «جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى 1000 ئۈلگىلىك ئائىلە»، «ئالدىنقى قاتاردىكى 10 مىڭ سەھرا ئارامگاھى» ۋە «سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى 10 مىڭ بېيىش باشلامچىسى» ئىچىدە، شىنجاڭدىكى 27 كەنت، ئىشلەپچىقىرىش -قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى 18 كەنت «جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك كەنت» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن؛ شىنجاڭدىكى 300 سەھرا ئارامگاھى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى 14 سەھرا ئارامگاھى «جۇڭگو سەھرا ساياھەتچىلىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەھرا ئارامگاھى» بولۇپ باھالانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكى 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى باشلانغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ھازىر جەمئىي 6000دىن كۆپ سەھرا ئارامگاھى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك سەھرا ئارامگاھى بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن، 2015 - يىلىغىچە جەمئىي 1355كە يەتكەن بولۇپ، 50 مىڭغا يېقىن دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايوننىڭ سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى 2011 - يىلىدىن باشلاپ، مۇنەۋۋەر سەھرا (ئاۋىل) ئارامگاھى ساياھەتچىلىك كارخانىلىرى (نۇقتىلىرى)غا مەبلەغ جەھەتتە ياردەم بەرگەن. 2015 - يىلىغىچە ئۇدا بەش يىل 53 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى 101 ناھىيە، يېزا (بازار) ۋە كەنتتىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك 470 سەھرا ئارامگاھىنى يۆلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر