- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ
2015.09.02 09:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئەتە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى. ئەتە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، تيەنئەنمېن مەيدانىدا خاتىرىلەش يىغىنى ئېچىلىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ ھەمدە قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى پائالىيەتنى نەخ مەيداندىن خەۋەر قىلىدۇ، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تور تېلېزىيەسى، جۇڭگو تورىمۇ تەڭ قەدەمدە بىۋاسىتە خەۋەر قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر